- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2017-يىلى شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 11 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
2017.08.01 13:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
27-ئىيۇل مۇخبىرىمىزنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 11 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىكنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى 10 مىڭ نەپەر بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىن ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن؛ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى 1000 نەپەر بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 400 نەپەر ئارتۇق بولغان، پىلان بويىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 31-ئىيۇل ئاياغلىشىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى 1-ئاۋغۇست رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن.
بۇ يىل شىنجاڭدىن 58 مىڭ ئوقۇغۇچى شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تىزىملاتقان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 2974 ئوقۇغۇچى كۆپ بولغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر