باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017-يىلى ئاپتونوم رايوندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى

2017.08.15 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ئاۋغۇست، 2017-يىلى ئاپتونوم رايوندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  دۆلىتىمىزدىكى ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر، ئالىي تېخنىكوم، ئوتتۇرا تېخنىكوم قاتارلىق كەسپىي مەكتەپلەر، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئاساسىي قاتلام مائارىپ تارماقلىرىدىن كەلگەن كۇرسقا قاتنىشىدىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن 1722 كىشى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇلار 10 كۈنلۈك مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشتىن كېيىن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تېخنىكوملارغا بېرىپ مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە ياردەملىشىپ قانات يايدۇرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، 2000-يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون جەمئىي ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردىن 4500 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش خىزمىتى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئەۋەتكەن. 2016-يىلى ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەر (شىزاڭدىن باشقا)لەرنى تولۇق قاپلاش، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سىنىپ ئاچقان مەكتەپلەرنى تولۇق قاپلاش، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق قاپلاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرغان. ھازىرغا قەدەر، ئۇلار ياردەملىشىپ تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلار 184 مىڭ 500گە يەتكەن.

  لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىپ مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش خىزمىتى ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى، تۇرمۇشى، ئىدىيەۋى ھېسياتى، سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئالاقىدار زۆرۈر سىياسەت بىلىملىرى ۋە خىزمەت ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نىشان-ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتتە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، چىن كۆڭلى، يۈرىكى ۋە كۈچى بىلەن خىزمەت ئىشلەپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپ، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت جەھەتلەردىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەملىشىپ، زىچ ماسلىشىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر