- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىزنىڭ ئۆي-زېمىن بازىرىدىكى قىزىپ كېتىش ۋەزىيىتى تۆۋەنلىدى
2017.08.15 14:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ شېڭيۇڭ 14-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەڭشەش ئارقىلىق، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئۆي-زېمىن بازىرىدىكى قىزىپ كېتىش ۋەزىيىتى بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولماقتا.
ماۋ شېڭيۇڭ شۇ كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەر ۋە قىزىق نۇقتىلىق ئىككىنچى سەپتىكى شەھەرلەردىكى ئۆي باھاسىنىڭ زىيادە ئۆرلەش ۋەزىيىتى كونترول قىلىندى، ھايانكەشلىك، مەبلەغ سېلىش خاراكتېرلىك ئۆي سېتىۋېلىش ئېھتىياجى زور دەرىجىدە ئازايدى؛ 3- ، 4- لىنىيەدىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي-زېمىن قالدۇقسىزلاشتۇرۇش خىزمىتى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. 1-ئايدىن 7- ئايغىچە، ئۆي-زېمىن تەرەققىياتىغا سېلىنغان مەبلەغ %7.9 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن بىر ئاز ئاستىلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىرئاز ئۆرلىدى. شۇڭلاشقا، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ زىيادە ئۆرلەش ۋەزىيىتى بىر ئاز ئاسىتىلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر مۇقىم بولدى.
ماۋ يۇڭشېڭنىڭ تەھلىلىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئۆي-زېمىن كەسپىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %6.2 بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدە %8.2 بولغان. بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئۆي-زېمىن كەسپىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %2 تۆۋەنلىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەنىلا 0.2 پىرسەنت ئۆسكەن. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ زىيادە ئۆرلەش ۋەزىيىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ياكى مۇۋاپىق تۆۋەنلىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى مۇقەررەر ئاستىلىتىۋەتمەيدۇ. جايلارنىڭ يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پۈتكۈل ئۆي-زېمىن بازىرى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر