باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى 1-شۆبە ئۆمىكىنى باشلاپ، باۋتۇدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىدىن ھال سورىدى

2017.08.11 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. «ئوتلاقتىكى پولات شەھىرى» باۋتۇ شەھىرىدە قۇياش نۇرى پارلاپ، مەيىن شامال مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ 10-ئاۋغۇست مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى 1-شۆبە ئۆمىكىنى باشلاپ، باۋتۇ شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىدىن ھال سوراپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان چوڭقۇر تىلىكىنى يەتكۈزدى ۋە كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلۇقلىدى.

  يېڭى جۇڭگودىكى مىللىي رايوندا قۇرۇلغان تۇنجى چوڭ تىپتىكى پولات-تۆمۈر كارخانىسى باۋتۇ پولات-تۆمۈر گۇرۇھ شىركىتى، 60 نەنچچە يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىچكى موڭغۇل سانائىتىدىكى باشلامچى كارخانىغا ئايلاندى.

  يۈ جېڭشېڭ 10-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن بۇ شىركەتنىڭ سىرەك پولات تاختا زاۋۇتىغا بېرىپ، سېخنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، 1-سەپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ كۆپچىلىكنى ئېگىلمەس-سۇنماس، يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان روھقا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىنى قەدىرلەپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، يېڭى بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، يېڭى ماھارەتلەرنى ئىگىلەپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دۆلەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا داۋاملىق يېڭى تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر