باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت ئەترىتى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نىسى قالدۇرۇلغان ئىش ھەققىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى

2017.08.15 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز، ئەكرەم ياسىن خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتۇقاي يېزىسى جىگدىلىك كەنتىدىكى دېھقان ئىشلەمچى رۇزى سەمەت ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل » خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، بىر يىلدىن بۇيان جاپا تارتىپ ئىشلەپ تاپقان 70 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئاخىرى تاپشۇرۇپ ئالدى .

  رۇزى سەمەت ئاقتۇقاي يېزىسى جىگدىلىك كەنتىدىكى نامرات ئائىلە. 2016-يىلى 5-ئايدىن بۇيان، ئۇ ئوغلى بىلەن ئېيىغا 6000 يۈەندىن ئىش ھەققى ئېلىش شەرتى بىلەن يېزىدىكى مەلۇم بىر خەلقنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىدا مەدىكارلىق قىلدى. كېيىن ياللىغۇچى غۇجايىن تۈرلۈك باھانە-سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ ئىزچىل كەينىگە سۆرەپ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى بىرىشنى رەت قىلدى. ئالدىنقى ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ كەنتكە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال كۆپ تەرەپتىن ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ياللىغۇچى غۇجايىن بىلەن ئالاقىلىشىپ، يېرىم ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ 74 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئېلىپ بەردى.

  رۇزى سەمەت مۇنداق دىدى: قانۇن ئېڭىم تۈۋەن بولغانلىقتىن مەنپەئىتىمنى قانداق قوغداشنى بىلەلمىگەن ئىدىم، ئاخىر خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە بۇ باش قېتىنچىلىقىممۇ ئوڭۇشلۇق ھەل بولدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بولمىغان بولسا قانۇن يولى بىلەن ھەل قىلىشنىمۇ بىلمەي يۈرەركەنمەن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.

  ئاپتونوم رايون يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىياسىتىنى چىقارغاندىن كېيىن، جىگدىلىك كەنتىدىكى %40 نامرات ئائىلە يېقىن ئەتراپتا ياكى سىرتقا چىقىپ ئەمگەك قىلىشنى تاللىدى. بۇ مەزگىلدە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىر قىسىملىرى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئالالمىدى. بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىدىن چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن پائال ماسلىشىپ، كەنتتىكى 13 دېھقاننىڭ 168 مىڭ يۈەن ئىش ھەققىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇق-مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىرادىسىگە ئىلھام بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر