باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017-يىللىق غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرى 3–شى تۇمشۇق شەھىرىگە يېتىپ كەلدى

2017.08.15 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (3-شى تۇمشۇق شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن پاشاگۇل كىرەم خەۋىرى) يېقىندا، غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرىدىن 160 كىشى تۇمشۇق شەھىرىگە كېلىپ، ئىككى ھەپتىلىك تەربىيەلەشنى باشلىغاندىن كېيىن، شەھەرنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئاساسي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىپ، ياشلىقىنى تەقدىم قىلىدۇ .

  2003-يىلىدىن باشلاپ 3–شى تۇمشۇق شەھىرى غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرى ۋە «ئۈچكە ياردەم بىرىش، بىرنى يۆلەش» پىدائىيلىرى ئەترىتىگە 696 كىشىنى قۇبۇل قىلدى، بۇ قېتىم شىدىن تۇمشۇق شەھىرىگە كەلگەن غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرىنىڭ 160 ئەزاسى ئاساسىي مائارىپ، ئاساسىي قاتلام ياشلار خىزمىتى، ئاساسىي قاتلام ئىجتىمائىي باشقۇرۇش، داۋالاش-سەھىيە قاتارلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە پىدائىيلار مۇلازىمتىىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  تەربىيەلەش مەزگىلىدە، پىدائىيلار 3-شى تۇمشۇق شەھىرىنىڭ تارىخى، مىللىي مەدەنىيىتى، پىدائىيلارنىڭ خىزمەت تەلىپى، تۇزۇم ئۆلچىمى، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۇشىنىپ ئۆگەندى. كۆپچىلىك بەس – بەستە جاپادىن قورقماي، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئۇگەنگەن كەسپىي بىلىملىرى بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قۇشۇپ، ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرىنىڭ قەسىمىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۇزىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇشتى .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر