باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز مەملىكەت بويىچە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا مەخسۇس نومۇر تاختىسى ئورنىتىشنى تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرىدۇ

2017.08.14 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ئاۋغۇست، ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ج خ مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلارغا مەخسۇس نومۇر تاختىسى ئورنىتىشنى تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇدىكەن.

  يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلارنى تېخىمۇ ياخشى ئايرىش ۋە پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىلىدىغان مەخسۇس نومۇر تاختىلىرىنى لايىھەلەش ۋە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى 2016-يىلى باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە شاڭخەي، نەنجىڭ، ۋۇشى، جىنەن، شېنجېن قاتارلىق نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان بەش شەھەردە يېڭى نومۇر تاختىسىدىن 76 مىڭ يۈرۈش تارقىتىپ بېرىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭى نومۇر تاختىلىرىدا «يېشىل رەڭ، مۇھىت ئاسراش، پەن–تېخنىكا» قاتارلىق مەنىلەر نامايەن قىلىنغان، يېشىل رەڭ ئاساس قىلىنىپ، مەخسۇس پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان؛ يېڭى پاسون، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ھۈنەر - سەنئەت ۋە ساختىلىقتىن ساقلىنىش يېڭى تېخنىكىلىرى قوللىنىلىپ، ئايرىپ باشقۇرۇش ۋە پەرقلەندۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، يەنە يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشچانلىق ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ ئىچىدە، كىچىك تىپتىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ نومۇر تاختىسىغا تەگلىك رەڭگى تەدرىجىي يېشىللىشىدىغان رەڭ قوللىنىلغان، چوڭ تىپتىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ نومۇر تاختىسغا تەگلىك رەڭگى سېرىق - يېشىل قوش رەڭ قوللىنىلغان.

  ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىچە، 2017-يىلى 11- ئايدىن باشلاپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق سىناق نۇقتىسى قىلىنغان بەش شەھەر ئاساسىدا، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ باۋدىڭ، جىلىننىڭ چاڭچۈن قاتارلىق ئون شەھەردە يېڭى نومۇر تاختىسىنى ئىشلىتىش باشلىنىدىكەن. 2017-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرى، ئاپتونوم رايون مەركىزى قاتارلىق شەھەرلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يەنە ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) لەردىن ئاز دېگەندە بىردىن ئىككىگىچە شەھەر يېڭى نومۇر تاختىسى ئىشلىتىشنى باشلايدىكەن.

  2018-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، مەملىكەت بويىچە بارلىق شەھەرلەر ئومۇميۈزلۈك يېڭى نومۇر تاختىسى ئىشلىتىشنى باشلايدىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا ئىشلىتىلىدىغان نومۇر تاختىسىنىڭ تەننەرخى ھەققى ئۆزگەرمەيدىكەن، يەنىلا دۆلەتنىڭ ھازىرقى بەلگىلىمىسى بويىچە، ئادەتتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ نومۇر تاختىسى بويىچە ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىپ، ھەر يۈرۈش نومۇر تاختىسى 100 يۈەن بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر