سۈرەتتە: كورېيەنىڭ سىئولدا 151- يول ئاپتوبۇسىغا «ھال سورىغۇچى ئاياللار»نىڭ قىزلار ھەيكىلى ئورنىتىلماقتا (13- ئاۋغۇست تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ئاۋغۇست، 8-ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى دۇنيا «ھال سورىغۇچى ئاياللار » خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، كورېيەنىڭ سىئول شەھىرىدىكى 151- يولىنىڭ بەش ئاممىۋى ئاپتوبۇسىغا «ھال سورىغۇچى ئاياللار»نىڭ قىزلار ھەيكىلى ئورنىتىلدى. «ھال سورىغۇچى ئاياللار»نىڭ قىزلار ھەيكىلى ئورنىتىلغان بۇ ئاپتوبۇسلار 8-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە قاتنايدىغان بولۇپ، قاتناش لىنىيەسى سىئولدىكى ياپونىيەنىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لايىھەلىگۈچى بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنى تارىخنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ئەسكەرتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى