باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لوندون يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

ياڭ جيايۈ ئاياللارنىڭ 20 كىلومېتىرغا يورغىلاپ مېڭىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى

2017.08.14 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 13- ئاۋغۇست كەچتە، 2017- يىللىق لوندون يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى. ئەڭ ئاخىرقى بىر مۇسابىقە كۈنى، ئاياللارنىڭ 20 كىلومېتىرغا يورغىلاپ مېڭىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 21 ياشلىق جۇڭگولۇق كىچىك ماھىر ياڭ جيايۈ ماھارىتىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىر سائەت 26 مىنۇت 18 سېكۇنت شەخسىي ئەڭ ياخشى نەتىجە ئارقىلىق، ئىلگىرىكى رىئودى–ژانىرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن مېكسىكا ماھىرى گونزالېسنى بىسىپ چۈشۈپ چېمپىيون بولدى، ئۇنىڭ كەينىدىكىسى بىر سېكۇنتلىق پەرق بىلەن ئىككىنچى بولدى. ئىلگىرىكى رىئودى–ژانىرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى بولغان لۈ شيۇجى ئاخىرقى پەللە سىزىقى ئالدىدا جازالىنىپ چۈشۈرۋېتىلدى، يەنە بىر جۇڭگو ماھىرى ۋاڭ نا بىر سائەت 29 مىنۇت 26 سېكۇنت نەتىجە ئارقىلىق سەككىزىنچى بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر