باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەيدە «13-ئاۋغۇست» ۋۇسۇڭ-شاڭخەي ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2017.08.14 14:25   مەنبە: خەلق تورى

شاڭخەيدە «13-ئاۋغۇست» ۋۇسۇڭ-شاڭخەي ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى شاڭخەيدىكى ۋۇسۇڭ-شاڭخەي ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خاتىرە باغچىسىدا «تىنچلىق قوڭغۇرىقى»نى چالماقتا.

  شۇ كۈنى، بارلىق خەلق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى ۋە «13- ئاۋغۇست» ۋۇسۇڭ-شاڭخەي ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى شاڭخەي شەھىرىنىڭ ۋۇسۇڭ-شاڭخەي ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خاتىرە باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېسقەدەم ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى، دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس- ئالىملار، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىكى گېنېراللارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى، شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر، مەھەللە ئاھالىلىرى ۋە مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق 500دىن ئارتۇق ھەر ساھە ۋەكىللىرى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش جەريانىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بۇ يىل يېڭى سېلىنغان يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى 9-ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ
    ·دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى
    ·ئاتا-ئانىلار بىر بالا ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئاز بولغاندا 35 مىڭ يۈەندىن 47…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى چەكلەشنى تەكىتلىدى
    ·2017-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپىغا 9880 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس…
    ·ش ئۇ ئا ر دا كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئالتىدىن سەككىزگىچە سۈپەتلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپ قۇرۇلىدۇ
    ·مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى كەم-كۈتىسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
    ·2017-يىلى شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 11 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…