باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ شىمالىدىكى چېگرا رايوننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2017.08.09 13:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاۋغۇسىت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26-ئىيۇل» قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تىكلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ شىمالىدىكى چېگرا رايوننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، «گۈزەل ئىچكى موڭغۇل بەرپا قىلىپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش» ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ، يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، تۈرلۈك ئىشلاردا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ئېلىمىزدىكى «ئۈلگىلىك ئاپتونوم رايون» دەپ تەرىپلەندى. بولۇپمۇ ئۇزاق مەزگىللىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنى باشتىن كەچۈرۈش نەتىجىسىدە ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما ئومۇمىيەتنى تونۇش، ئومۇمىيەتنى كۆزلەش، خاسلىققا ئەھمىيەت بېرىش، تۆھپە قوشۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتەك چوڭقۇر ئورتاق تونۇش ۋە قىممەتلىك پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈپ، بۇلارنى ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىغا ئايلاندۇردى. بۇ نەتىجىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ جاپالىق كۈرەش قىلىشىدىن قولغا كەلگەن بولۇپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ھەر نۆۋەتلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە يۈرەك-قېنى مۇجەسسەملەنگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر