باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچانىڭ داڭلىق ماركىلىق قۇغۇنلىرىنىڭ ئىچكىرىگە سېتىلىشى ياخشى بولدى

2017.08.15 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (راھىلە توختى خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، كۇچا ناھىيەسى دۆڭقوتان يېزىسىدىكى قۇغۇنلۇقتا، دېھقانلار ئالدىراش پىشقان قۇغۇنلارنى ئۈزۈپ، ئوراپ، ئاپتوموبىلغا قاچىلاۋاتقان ئىكەن. نەق مەيداندا قۇغۇنلارنى ئوراش، قاچىلاشقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان كۇچا «ئالەم يېشىل» ئورگانىڭ مېۋە ـ چىۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىغى شۈ شىبىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دىدى: بۇ قۇغۇنلارنى شېنياڭدىكى كونا خېرىدار ئالدىن زاكاس قىلغان، قۇغۇنلار سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىنىپ ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن، بۈگۈن كەچتىلا خېرىدارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2010-يىلى كۇچا «ئالەم يېشىل» ئورگانىك مېۋە-چىۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقارغان «ئالەم ماركىسى» قوغۇنلىرى شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، قىزىل خانىشقا ئايلانغاندىن كېيىن، تاتلىقلىق دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقى، تەمىنىڭ ئوبدانلىغى بىلەن ئىچكىرىدىكى شەھەرلەردە داڭلىق ماركا بۇلۇپ سېتىلىپ، شاڭخەي، جېجياڭ، نەنجىڭ، شېنياڭ، بېيجىڭ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردىكى تىجارەت دۇكانلىرىنىڭ زاكاس ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي قالغان.

  بۇگۈنكى كۈندە، داڭلىق ماركىلىق قۇغۇنلارنىڭ پىشقان مەزگىلىدە، دوڭقوتان بازىرىدىكى 10 مىڭ مودىن ئارتۇق قۇغۇنلۇقتىن ھەر كۈنى ئىچكىرىدىكى شەھەرلەرگە ئېلىپ كىتىلىدىغان قوغۇنلار 100 توننىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر