باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن بېيدەيخېدا يازلىق دەم ئېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنى يوقلىدى

2017.08.10 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 9-ئاۋغۇست بېيدەيخېدا يازلىق دەم ئېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنى يوقلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  ھەر يىلى يازدا مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلارنى بېيدەيخېغا دەم ئېلىشقا تەكلىپ قىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدىكى بىر تۈرلۈك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. بۇ يىللىق دەم ئېلىش پائالىيىتىگە 57 مۇتەخەسسىس قاتناشتى، ئۇلار ئاساسلىقى دۆلەت پەن-تېخنىكا زور تۈرى، دۆلەت نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى ۋە زور ئاساسىي تەتقىقات تۈرى قاتارلىقلارنىڭ باش قوماندانى، باش لايىھىلىگۈچىسى، باش ئالىمى ۋە تۈر مەسئۇلى.

  ليۇ يۈنشەن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ھالقىما تەرەققىياتى، دۇنيا پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى. پەن-تېخنىكا سېپىدىكىلەر كۆڭلىگە ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش غايىسىنى پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە تىرىشىپ يامىشىپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك مۇھىم نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مىللىي ئىشەنچ ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتتى. ئېلىمىز پەن-تېخنىكا ئىشلىرىدا يېڭى، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئەۋزەللىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئۈستۈنلۈكىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر