باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى

2017.08.15 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (راھىلە توختى خەۋىرى) كۇچا ناھىيەسى يىل بېشىدىن باشلاپ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا «ئىككى مەسئۇلىيەت» تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە دائىر دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى.

  ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېزا پاكلىق تورى، يېزىلارنىڭ ئۈچ خىل مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومېتىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  ناھىيە «12-بەش يىل»دا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسىدىن 309نى بېجىرىپ، 309 كىشىنى بىر تەرەپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە بولۇم دەرىجىلىك كادىردىن 38ى بار.

  بۇ ئارقىلىق ئىستىلى دۇرۇس، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك-دىيانەتلىك بولغان، سىياسىي ئېتىقادى مۇستەھكەم كادىرلار قۇشۇنىنى بەرپا قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر