باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ھەپتىدە بىر لېكسىيە» ئاۋام قەلبىگە ياقتى

2017.08.15 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان تۆمۈر خەۋىرى) ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى ۋە ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدىن ئاقسۇ شەھىرى قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى توقاي مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتى توقاي مەھەللە كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە، بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ «ھەپتىدە بىر لېكسىيە » پائالىيىتىنى يولغا قويغان ۋە لېكسىيە ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس خادىم، ئورۇن، ئەسلىھەلەر تۇلۇق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان، شۇنداقلا بۇ خىزمەتنى پىلان، تەرتىپ بويىچە قەرەلىدە ئېلىپ بارغانىدى.

  ھازىرغىچە، جۇڭگو ئارزۇسى، مىللەت، دىن بىلىملىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، نوپۇس ۋە پىلانلىق توغۇت، قانۇن–تۈزۈم، نىزاملار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلىملىرى، پارتىيە قۇرۇلتايلىرىنىڭ روھى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى قاتارلىق مەزمۇنلاردىن 62 مەيدان لېكسىيە ئويۇشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. لېكسىيەگە قاتناشقان ئامما

  28 مىڭ 900 ئادەم قېتىمغا يەتتى

  توقاي مەھەللىسى 8-گۇرۇپپا ئەزاسى تۇخان ئاۋۇت زىيارەت داۋامىدا مۇنداق دېدى: ھەپتىدە بىر قېتىم مەھەللە كومىتېتىغا يىغىلىش مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئىش. بۇنىڭدىكى سەۋەب، بىرىنچىدىن، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم يىغىلغاندا، يۇرتداشلار ئۆزئارا كۆرۈشۈپ، ھال – مۇڭ بولۇشىمىز، بىر – بىرسىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن، مەھەللىمىزدىكى چوڭ – كىچىك ئىشلاردىن خەۋەردار بولالايمىز؛ ئىككىنچىدىن، كادىرلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان لېكسىيەلىرىنى ئاڭلاپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان پايدىلىق سىياسەتلىرى، قانۇن-بەلگىلىمىلەردىن، ۋەزىيەت، جەمئىيەت ئەھۋالىدىن خەۋەردار بۇلالايمىز. مەن بۇ خىل پائالىيەتنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر