باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى

يېقىنقى 10 نەچچە يىلدا، 86 مىڭ نەپەر ئەمەلدار چىرىكلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن جازالاندى

2017.08.14 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالېكساندېر رۇسىيچكى يېقىندا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 2016- يىلىنىڭ بېشىدىن 2017– يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، رۇسىيەدە 700دىن ئارتۇق ئەمەلدار چىرىكلىك مەسىلىسى بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان 86 مىڭ ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدار چىرىكلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىغان. نۆۋەتتە، روسىيە تەپتىش ئورگىنىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بىر قانچە ئورگان ۋە ئىدارىلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.

  رۇسىيچكى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: چىرىكلىك مەسلىسى ئەمەلدارلىقنىڭ پېتىدىن چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ، 2016- يىلى ئىشەنچنى يوقىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن خىزمەتتىن بوشىتىلغان روسىيە ئەمەلدارى 2015- يىلدىكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن. چىرىكلىككە ياتىدىغان جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش رۇسىيەگە غايەت زور زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى. يېقىنقى يېرىم يىلدىن بۇيان، چىرىكلىكنىڭ روسىيەگە ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنىڭ سوممىسى 130 مىليارد رۇبلى (تەخمىنەن 14 مىليارد 500 مىليون يۈەن خەلق پۇلى)غا يېتىدۇ.

  روسىيە باش تەپتىشى يۇرى چىكا بۇ يىل 4- ئايدىكى قانۇن ۋە تەرتىپكە ئائىت دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2016- يىلى رۇسىيەدە 32 مىڭ 924 پارچە چىرىكلىك دېلولىرى ئەنگە ئالدۇرۇلغان بولۇپ، 2015- يىلدىكىدىن %1.4 كۆپەيگەن، نەتىجىدە ئۇ 78 مىليارد رۇبلى زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر