باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئالدىنقى يېرىم يىلدا 23 مىڭ 124 مەسىلە يىپ ئۇچى بىر تەرەپ قىلىنىپ، 10 مىڭ 387 كىشىگە چارە كۆرۈلدى

2017.08.14 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل خاھىش»تىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش خىزمەت قائىدىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى 23 مىڭ 124 مەسىلە يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىپ، 11 مىڭ 668 دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، 10 مىڭ 387 كىشىگە چارە كۆردى. بىر تەرەپ قىلىنغانلار ئىچىدە نازارەت، ئىدارە دەرىجىلىك كادىرلاردىن 29 كىشى، ناھىيە (باشقارما) دەرىجىلىك كادىرلاردىن 346 كىشى، يېزا (بۆلۈم) دەرىجىلىك كادىردىن 2702 كىشى، ئادەتتىكى كادىردىن 3724 كىشى، باشقا خادىمدىن 3586 كىشى بار.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى «تۆت خىل خاھىش»تىن پايدىلىنىپ 23 مىڭ 607 كىشىنى بىر تەرەپ قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بىرىنچى خىل خاھىشتىكى 12 مىڭ 898 ئادەم (قېتىم) بىر تەرەپ قىلىنىپ، «تۆت خىل خاھىش» بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان ئادەم (قېتىم) سانىنىڭ %55نى ئىگىلىدى؛ ئىككىنچى خىل خاھىشتىكى 8127 ئادەم (قېتىم) بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، %34نى ئىگىلىدى؛ ئۈچىنچى خىل خاھىشتىكى 1923 ئادەم (قېتىم) بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، %8نى ئىگىلىدى؛ تۆتىنچى خىل خاھىشتىكى 659 ئادەم (قېتىم) بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، %3نى ئىگىلىدى؛ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى خىل خاھىشتىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئادەم (قېتىم) سانى «تۆت خىل خاھىش» بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ ئاز كەم %90نى ئىگىلىدى. (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر