باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ئالتە نەپەر ئەزاسى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە قازا قىلدى

2017.08.11 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بانگى خەۋىرى: قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتى 9- ئاۋغۇست ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ئالتە نەپەر ئەزاسى مەزكۇر دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى شەھەر گامبودا 3- ئاۋغۇست يۈز بەرگەن زوراۋانلىق توقۇنۇشىدا قازا قىلدى.

  يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا ئافرىقا قىزىل كىرست جەمئىيىتىنىڭ بىر نەپەر رايون رەئىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلەردىن ئاز دېگەندە ئالتە كىشى گامبودىكى بىر داۋالاش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان يىغىن مەيدانىدا قازا قىلغان. ئوتتۇرا ئافرىقا قىزىل كرېست جەمئىيىتى شۇ يەردىلا 9- ئاۋغۇستتىن 11- ئاۋغۇستغىچە ئۈچ كۈن تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، قازا قىلغان ئەزالارنى خاتىرىلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تاراتقۇلار گامبو ئاھالىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئۇ زوراۋانلىق توقۇنۇش ئىلگىرىكى «سېلېكالار ئىتتىپاقى»غا تەۋە ئىككى قوراللىق كۈچلەر ئارىسىدا، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قوراللىق كۈچ بىلەن شۇ جايدىكى قۇراللىق قوغدىنىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن. توقۇنۇش 50 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ئون نەچچە ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر