باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياشلىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا شىجائەت بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ئاتلىنىش

___ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 74-جىتۇەنجۈن مەلۇم بىرىكمە لۈي زەربىدار ماشىنا ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ رۇي توغرىسىدا

2017.08.14 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋۇلىڭ تېغىنىڭ جەنۇبى ئىچكى رايونىدىكى مەلۇم مەشىق مەيدانى باش كۈزدە يەنىلا نەم ئىسسىق ئىدى. ئېغىرلىقى 28 توننا كېلىدىغان «تۆمۈر كاللەك» ___

  سۇدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ يۈرەلەيدىغان بىرونە زەربىدار ماشىنا بىر كۈن ئاپتاپقا قاقلانغاندىن كېيىن، سىرتى ئوت ئىسسىپ، ماشىنا ئىچى قاسقاندەك تىنچىق بولۇپ كېتەتتى، بولۇپمۇ ماتورغا يېقىن كابىنكىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 40 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتەتتى. ئادەتتىكى كىشىلەر زەربىدار ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى ئىسسىققا 10 مىنۇتمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيتتى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر مەشىق قىلغاندىمۇ ئادەتتە بىر سائەتتە بىر سىرتقا چىقىپ ھاۋا ئالماشتۇراتتى، لېكىن بىر سېرگېئان زەربىدار ماشىنىدا ئۇدا ئىككى-ئۈچ سائەت مەشىق قىلاتتى.

  بۇ ياش ئەسكەر دەل قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 74-جىتۇەنجۈن مەلۇم بىرىكمە لۈي 809- زەربىدار ماشىنا ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ رۇي.ۋاڭ رۇي ھەربىي سەپكە قاتناشقان سەككىز يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىك رىۋايىتىنى ياراتتى: ھەربىي سەپكە قاتناشقان تۇنجى يىلىلا شى بويىچە بىردىنبىر قىسىم ماشىنا مانىۋېرىغا قاتناشتى، ئىككىنچى يىلى شوپۇرلۇق بويىچە 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسكەرگە ئايلاندى. ئەسكەر بولغان 6-يىلى، شوپۇرلۇق كەسپى ئالاھىدە دەرىجىلىك باھالاشتىن ئۆتۈپ، جىتۈەنجۈن ئىچىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك، ئەسكەرلىككە قاتناشقان ۋاقتى ئەڭ قىسقا ئالاھىدە دەرىجىلىك شوپۇرغا ئايلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە خەۋەرلىشىش كەسپىي ئالاھىدە دەرىجىلىك باھالاش، قارىغا ئېتىش كەسپى بويىچە 1-دەرىجىلىك باھالاشتىن ئۆتۈپ، شوپۇرلۇق، خەۋەرلىشىش، قارىغا ئېتىشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن ۋاڭ رۇي پۈتۈن ئارمىيە بويىچە ئەڭ ياش «قوش ئالاھىدە» سۇدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ يۈرەلەيدىغان بىرونە ئاۋانگارتىغا ئايلىنىپ، بىر قېتىمدىن 2-، 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىپ، «ئارمىيە بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» بولۇپ باھالاندى، ئۇ يېتەكلىگەن 809-ئۇرۇش ماشىنىسى گۇرۇپپىسى ئىككى قېتىم كوللېكتىپ 2-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى...

  ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن زەربە بېرىپ، مۈشكۈل ۋەزىپىدە ئالدىدا مېڭىپ، قاتتىق چېنىقىپ نۇقسانسىز بولۇشنى قوغلىشىپ، ئەسكەر يېتەكلەپ مەشىق قىلدۇرۇش...ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئېگىلمەس-سۇنماس جاسارەتكە ئىگە ۋاڭ رۇي ھەم تەلىم-تەربىيە ئۈلگىسى، ھەم ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇپ، ئۇ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە ياشلىق ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىپ، يەلكەننى زىممىسىگە ئېلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈلگىسىنىڭ ياخشى قىياپىتىنى تىكلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر