خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ، 8-ئاۋغۇست ئالجىرىيە پايتەختى ئالجىرنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بىر كەنتنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيدان.
ئالجىرىيە ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 10–ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان شۇ كۈنى پايتەخت ئالجىرنىڭ غەربىي جەنۇبىدا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى تۆت كىشى قازا قىلدى.
ئالجىرىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالجىرىيە تېسىللېي ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە تەۋە بېل 206 تىپلىق بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان شۇ كۈنى ئالجىرنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر كەنتكە چۈشۈپ كەتكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى