باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بورتالا مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر قۇتقۇزۇشتا بىركىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمىدى

«تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولسىمۇ، قوتقۇزۇش توختاپ قالمايدۇ»

2017.08.11 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ جېڭ ناھىيەسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، مۇخبىر ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە باردى. ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولۇش ۋە ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ كېتىش خەۋپىنى يېڭىپ، ھاياتلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، قۇتقۇزۇش ئاپشاركىسى، كېسىش ئەسۋابى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ كەنتمۇ كەنت، ئۆيمۇ ئۆي ئاقتۇرۇپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئالا قويماي ئىزدەش، بىر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماسلىق»قا كاپالەتلىك قىلدى.

  8-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 23 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، بورتالا مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشچە، جىڭ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 32 كىشى يارىلانغان (ئۈچ كىشىنىڭ يارىسى ئېغىركەن)، يارىلانغانلار سانىدا 8-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتقا سېلىشتۇرغاندا ئۆزگىرىش بولمىغان. ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننى پىلانلاش-قايتا قۇرۇش خىزمىتى باشلىنىپتۇ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىش كىرىشتىن ئىلگىرى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

  مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى مەركەز مالىيەسى تەبىئىي ئاپەت تۇرمۇش ياردەم سوممىسىدىن 80 مىليون يۈەننى ئاجراتقان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 50 مىليون يۈەن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە 30 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ بېرىلىدىكەن، بۇ ئاساسلىقى جىڭ ناھىيەسدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆتكۈنچى مەزگىلىدىكى تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش ۋە زىيانغا ئۇچرىغان ئۆيلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر