باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ جىشۈيتەن دوختۇرخانىسىدىكى بىر دوختۇر پۇقراۋى دوختۇرخانا بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ گۇمان قىلىنىپ، كەسپى سالاھىيىتى ۋاقتىنچە ئېلىپ تاشلاندى

2017.08.10 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بىمارنى پۇقراۋى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئوپىراتسىيە قىلدۇرغان بېيجىڭ جىشۈيتەن دوختۇرخانىسىدىكى بۇ دوختۇرنىڭ پۇقراۋى دوختۇرخانا بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ گۇمان قىلىنىپ، كەسپى سالاھىيىتى ۋاقتىنچە ئېلىپ تاشلاندى. جىشۈيتەن دوختۇرخانىسىنىڭ 8- ئاۋغۇست ئۇقتۇرىشىدا ئۇنىڭ كېچىكىپ پېنسىيەگە چىقىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىلتىماسىنى ماقۇللاپ، پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىردى.

  2016- يىلى 7- دېكابىر بېيجىڭدىكى بىر بىمارنىڭ ئوڭ قول ئوتتۇرا بارماق سۆڭىكى سۇنغانلىقتىن، ئۇ بىمار بېيجىڭ جىشۈيتەن دوختۇرخانىسىنىڭ قول تاشقى كېسەللەكلەر بۆلۈمىدە داۋالانغان، ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلگەندە مەسئۇل دوختۇر بۇ يەردە ئوپېراتسىيە قىلدۇرۈشتا ئۆچرەتتە تۇرمىسا بولمايدىغانلىقىنى ۋە بىمارغا بېيجىڭ گوجىڭ جۇڭيى دوختۇرخانىسىدا ئوپپىراتسىيە قىلدۇرۇشنى، ئۇ دوختۇرخانىنىڭ بېيجىڭ جىشۈيتەن دوختۇرخانىسىنىڭ تارمىقى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئوپېراتسىيەنى شۇ دوختۇر ئۆزى قىلدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، ئەمەليەتتە بۇ بىر پۇقراۋى دوختۇرخانا بولۇپ، ئۇ بىمارنىڭ ئوپىراتسىيەسىنىمۇ جىشۈيتەن دوختۇرخانىسىدىكى شۇ باش دوختۇر قىلماستىن، بەلكى بېيجىڭ گوجىڭ جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ باشقا بىر دوختۇرى ئوپىراتسىيە قىلغان. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بۇ بىمارنىڭ بارمىقى ھازىرغىچە ئەسلىگە كېلەلمىگەن.

  ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ ئەھۋالنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، جىشۈيتەن دوختۇرخانىسىنىڭ پارتكومى پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى سۆھبەت مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا دېلوغا چېتىشلىق دوختۇر ۋە بۆلۈم مەسئۇلى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ۋەقەگە چېتىشلىق دوختۇر ۋە بۆلۈمگە قارىتا يازما تەكشۈرۈش چىقاردى ھەمدە مەسئۇل بۈلۈم تۈزىتىش پىكرىنى چىقاردى. 2017- يىلى 3- ئايدا بۇ ئىش سەۋەبلىك، ئۇ دوختۇرنىڭ كەسپى سالاھىيىتىنى ۋاقتىنچە ئېلىپ تاشلاش، ئۈچ ئايلىق مۇكاپات پۇلىنى تۇتۇپ قېلىش، دوختۇرلارنى قەرەللىك باھالاشتا لاياقەتسىز قىلىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش قاتارلىق چارىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىش ئارقىلىق جازالىدى. شۇ ئايدا، دوختۇرخانا ئۇنىڭ كېچىكىپ پېنسىيەگە چىقىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىلتىماسىنى ماقۇللاپ، پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر