باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەر ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى،يۈ جېڭشېڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2017.08.09 10:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 70 يىللىق مول نەتىجە، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەت ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  بوستانلىق شەھەر كۆكخوت ئىنتايىن گۈزەل تۈسكە كىرىپ، ھەممە يەردە رەڭدار بايراقلار جەۋلان قىلىپ، شاد-خۇرام بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان 12 مىڭدىن كۆپرەك كادىر، ئامما مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزىگە يىغىلىپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. كاتتا يىغىن مەيدانىدا، «گۈزەل ئىچكى موڭغۇل قۇرۇپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن شوئار يېزىلغان پىلاكات كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، يىغىن مەيدانىغا موڭغۇلچە ۋە خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىقتا «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالايلى» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغانىدى، يىغىن مەيدانى ئادەملەرگە لىق تولغانىدى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بۇ شياۋلىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە، قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىلبايراق ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپ ليۇ يەندۇڭ يىغىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى.

  يۈ جېڭشېڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى ئېلىپ بۇ يەرگە كېلىپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىللە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىمەكتە. مەن ئالدى بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋە ھەر ساھەدىكى زاتلار، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇشلۇق قىسىمىدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر، ئىچكى موڭغۇلدىكى قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ۋە سىياسىي-قانۇن كادىر-ساقچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن؛ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قوللىغان بارلىق يولداشلار، دوستلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ۋە چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر