- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پەلەستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى يەنە تاپشۇردى
2017.08.09 14:50 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پەلەستىننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مالىكى تۈنۈگۈن: پەلەستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى يەنە تاپشۇردى، دېدى.
2011- يىلى 9-ئايدا، پەلەستىن رەھبىرى ئابباس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى باش كاتىپى بانكىمونغا ئىلتىماس تاپشۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان، بىراق ئىلتىماس تەستىقتىن ئۆتمىگەن. 2012-يىلى 29-نويابىر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ، پەلەستىنگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچى دۆلەت ئورنى بېرىلگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر