باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ جيۇزەيگۇ ناھىيەسىدە 7 بال يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا تېزدىن كۈچ تەشكىللەپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، تالاپەتنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلدى

لى كېچياڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2017.08.09 10:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. سىچۈەن ئۆلكىسى ئابا ئوبلاستىنىڭ جيۇزەيگۇ ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 33.2 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 103.82 گىرادۇس)دە 8-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 21دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە 7 بال يەر تەۋرىدى. تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 20 كىلومېتىر بولدى. 8-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 23تىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، يەر تەۋرەشتە بەش كىشى قازا قىلدى، 70 نەچچە كىشى يارىلاندى.

  يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، جيۇزەيگۇدا يۈز بەرگەن 7 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئەھۋالىنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئېنىقلاپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا تېزدىن كۈچ تەشكىللەپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ساياھەتچىلەر ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ۋە ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تالاپەتنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشنى؛ ھازىر كەلكۈن مەزگىلى، شۇنداقلا ساياھەتچىلىكنىڭ بېسىق مەزگىلى بولغاچقا، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ۋە گېئولوگىيەلىك كۆزىتىش-ئۆلچەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئېنىقلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن قۇتقۇزۇپ، تالاپەتنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ئىككىلەمچى ئاپەتتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى.

  شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن دۆلەت ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قوماندانلىق قىلىش ئىشتابىدىن تەشكىللەنگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنى نەق مەيدانغا بېرىپ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى. سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. سىچۈەن ئۆلكىسى، ئابا ئوبلاستى 1-دەرىجىلىك يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى قوللاندى. ھازىر يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر