باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلاشتى

دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى

2017.08.08 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاۋغۇست، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بۇ يىل ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى (قىسقارتىلىپ ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى)غا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. بۇ يىل، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش داۋاملىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىگە مايىللاشتۇرۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن 5935 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي سانىنىڭ % 60نى ئىگىلىدى، دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي سانىنىڭ %78دىن ئاشتى.مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى رايونىمىزدىن 9880 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى داۋاملىق ساقلىغان بولۇپ، بۇ يىل 43 مىڭ 60 ئوقۇغۇچى ئىمتىھان بەرگەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 2016-يىلىدىكىگە قارىغاندا 3602سى ئېشىپ، مۇۋاپىق ياشتىكى ھەر مىللەت ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىغا پائال تىزىملىتىپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى داۋاملىق ساقلىغان.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىنغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا داۋاملىق «خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچى»، «قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچى»لارغا، ئاپتونوم رايونلۇق «قوش تىل» مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە، يېزىلاردىكى پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى ئالغان ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە مايىللاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى قاتارلىق سىياسەتلەر يولغا قويۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە:خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر