باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران ئەسكەرلىرىنىڭ مەشىق مەيدانىدا سەپداشلىرىنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، تۆت ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، سەككىز ئادەمنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

ۋەقە سادىر قىلغۇچىنى روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان، دەپ گۇمان قىلىندى

2017.08.08 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران ھاۋا ئارمىيەسى 6–ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: «بىر گۇمانىي روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئەسكەر مەشىق مەيدانىدا سەپداشلىرىنى ئوققا تۇتۇپ، تۆت ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، سەككىز ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى». بۇ، ئىراندا بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئوخشىشىپ كېتىدىغان ۋەقە.

  ئىران ھاۋا ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 6–ئاۋغۇست ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئورۇن پايتەخت تېھراننىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە 10 كىلومېتىر كېلىدىغان كارىزاك قارىغا ئېتىش مەشىق مەيدانىدا يۈز بەردى، بارلىق يارىدارلار دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇشقا ئاپىرىلدى.

  ئىران ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يارىدارلار ئىچىدە بىر ئوفىتسېر بار ئىكەن، ئوق چىغارغۇچى ۋە ئۆلگەن، يارىدار بولغانلارنىڭ ھەممىسى مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر ئىكەن. ئوق چىقارغۇچىنىڭ ئەھۋالى تېخىچە ئېنىق ئەمەس.

  ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا: ھېلىقى ئوق چىقارغۇچى ئەسكەر روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇشى ياكى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئوق چىقىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، ھەربىي تەرەپ ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، نەتىجىسىنى پات ئارىدا ئېلان قىلىدىكەن.

  رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: ئىراندا ئەسكەرلەرنىڭ سەپداشلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئاز يۈز بېرىدىكەن، لىكىن يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن.

  17-ئىيۇل تېھراننىڭ غەربىي شىمالىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان ئابيەك بازىرىدىكى بىر ھەربىي گازارمىدا بىر ئەسكەر سەبداشلىرىغا ئوق چىقىرىپ، ئۈچ سەپدىشىنىڭ ئۆلۈشى ۋە ئالتە كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كېيىن ئۆزىگە ئوق چىقىرىپ، ئۆلۈۋېلىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىدى.

  ئىران ئوقۇغۇچىلار ئاگېنتلىقى دوختۇرىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئەسكەر ۋاقىتلىق روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىكەن.

  ئىراندىكى نەچچە يۈزمىڭ مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر يېرىم كەسىپلەشكەن ھەربىيلەر بولۇپ، 19 ياشقا توشقان ئەرلەر چاقىرىققا بىنائەن ھەربىي سەپكە كىرىشكە بولىدىكەن ياكى ئامانلىق ساقچىلىقى ۋە تۈرمە ساقچىلىقى خىزمىتى قىلدىغان بولۇپ، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يىل ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر