باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران ئىسلام دۆلىتىنىڭ 27 قوراللىق خادىمىنى قولغا چۈشۈردى

2017.08.08 13:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران ئاخبارات تارماقلىرى 7-ئاۋغۇست، ئۆزلىرىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ 27 قوراللىق خادىمىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. ئىران ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە: قولغا چۈشكەن قۇراللىق خادىملارنىڭ 17 سى ئىراندا قولغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇندىن باشقا ئون كىشى چەتئەللەردە قولغا چۈشكەن، قولغا ئىلىش ھەرىكىتى جەريانىدا، ئىران ئاخبارات ئورگىنى باشقا ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشىغا ئېرىشكەن.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ تېررورچى ئۇنسۇرلار ئىراننىڭ مەركىزى شەھىرى بىلەن دىنى شەھىرىدە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يولغا قويماقچى بولغان. قولغا ئېلىش ھەرىكىتىدە بىر تۈركۈم ھەربىي ئۈسكۈنىلەر ۋە ئوق دورىلار قولغا چۈشۈرۈلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر