خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلى 8- ئاۋغۇست مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ 9- قېتىملىق مەخسۇس كۈنى بولىدۇ. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 7- ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭدا «ھەر كۈنى چېنىقىپ،19- قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش» ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى پائالىيىتىنىڭ باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم باشلاش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
شىنجاڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا باشلاش مۇراسىمىدىن كېيىن، مەيدان ئۇسۇلى، ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبولى، بەدەن چېنىقتۇرۇش گۇمپىسى ۋە تەيجى گۇمپىسى قاتارلىق 10 نەچچە خىل ئويۇن تۈرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئېلىپ بېرىلدى.
2015- يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئەمەلىي كۆلىمى 16مىڭ 700 يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. ئاپتونومرايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىسى 35 مىڭغا يەتكەن. تولۇقسىز ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ بويىچە ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى كۆلەملىك پائالىيەت 360 مىڭ مەيدان(قېتىم)غا يەتكەن، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى.
ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەردە، يەنە «ھەر كۈنى چېنىقىپ،19- قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش» 2017- يىللىق ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى