باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەمەلدارى ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا يولغا قويغان سودا جەھەتتىن جازالاش تەدبىرىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

2017.08.08 13:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنىنىڭ ئىقتىسادى ئەمەلدارى لىياڭ گويوڭ 7- ئاۋغۇست شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسىنى كۆزگە ئىلماي، سودا شېرىكلىرىنى ئۆز ئالدىغا جازالايدىغان بولسا، ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئاقىلانە بولمىغان تەدبىر.

  ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: دۇنيا سودا تەشكىلاتى قۇرۇلغان كۆپ يىللاردىن بويان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋە سودا قېلىپىدا غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر بولدى. خەلقئارا سودىدا ئىچكى قانۇن قۇرالىنى كۆتۈرۈپ چىقىش، بىر خىل ئەسەبىي بولغان سىياسىي تاللاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىر خىل ھامىچىلىق، شۇنداقلا كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسىنى پىسەنت قىلماسلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  لىياڭ گويوڭ ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا تاموژنا بېجى ياكى باشقا سودا چەكلىمىسى قويۇش تەدبىرىنى قوللانسا، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ئاساسىنى تەۋرىتىپلا قالماستىن، سودا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەر ئىككى تەرەپ زىيان تارتىشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر