باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە كىشىلىرى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2017.08.07 15:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  غۇلجا شەھىرى يېڭى ھايات كوچىسىدىكى ۋاڭ جىنخەي ئائىلىسى بەش مىللەت، تۆت ئەۋلاد بىر يەردە ياشاپ كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا، ۋاڭ جىنخەيگە ئوخشاش مۇشۇنداق بىر ئائىلىدە تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان كۆپ مىللەتلىك ئائىلىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاقىسى غۇلجا شەھىرىدە ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان.

  توققۇزتارا ناھىيەسى جىرغىلاڭ يېزىسى ئالمال كەنتىدىكى قازاق يىگىت ماخسۇت شۇ يېزىدىكى خەنزۇ ھەدىسى شۈ شىياڭرۇڭ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولۇپ،بىرلىكتە بېيىش يولىغا قاراپ ماڭدى، تۇققان بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى تۇققاندىن ئېشىپ چۈشتى.

  ماخسۇت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىياڭرۇڭ ھەدەم ماڭا دائىم ياردەم بېرىدۇ، سوغىگۈل تېرىسام، ئۇ ماڭا تېرىش تېخنىكىسى جەھەتتە يىتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن مەن ئۆتكەن يىلى 100مىڭ يۇەندەك پۇل تاپتىم.

  شۈ شىياڭرۇڭ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئۆيىمىزنىمۇ ماخسۇت سېلىپ بەرگەن. خۇددى بىر ئائىلە كىشلىرىگە ئوخشاش، بىز ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە ياردەم بېرىمىز.

  كۆنەس ناھىيەسى بەشتۆپە يېزىسى قارائوي كەنتى بىلەن ئۇنىڭغا قوشنا ئاڭداس كەنتىنىڭ بىرىدە خەنزۇلار كۆپ، يەنە بىرىدە ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى كۆپ. ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئېچىپ كىلىۋاتقان ئىككى قوشنا كەنت بىرلىكتە كوللىكتىپ تويلىشىپ تۇققانلاشتى.

  ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە كىشىلىرى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 100مىڭ ھەر مىللەت كادىر خىزمەتچى 160مىڭ ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن تۇققانلاشتى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىلىق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ ۋۇجۈن مۇنداق دېدى: ئوبلاستىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىپ كەلدى. بۇ ياخشى ئەنئەنىنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا خىلى ئۇزۇن بولدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشلىرىدىن بولۇش ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھېسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىل ئەمىنلىككە پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر