باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە ھەربىي پارات ئۆتكۈزگەندە قىلغان سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى

2017.08.08 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ھەربىي پارات ئۆتكۈزگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۆزنىڭ مول مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ ۋە چۈشىنىپ، سۆزنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، ئارمىيەنى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، يادرونى قوغداش، قوماندانلىققا بويسۇنۇش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكى، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاش، خەلقنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويمايدىغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىككى مۇھىم سۆزىدە، 90 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، غەلىبەسېرى ئىلگىرىلىگەن شانلىق تارىخى ئەسلىنىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىقى ۋە بەختى ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىسى مەدھىيلىنىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورايغان، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا قالدۇرۇلغان دۈشمەننى مەغلۇب قىلىش ئەڭگۈشتىرى ۋە كۈچ مەنبەسى شەرھلىنىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا پۇختا ئىگىلەشكە تېگىشلىك تۈپ تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىككى مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر-جەڭچىلەرنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر