سۈرەتتە: 8-ئارمىيە 115-شىسىنىڭ جەڭچىلىرى پىڭشىڭگۇەن تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە پىستىرما قۇرۇپ، ياپونىيە ئارمىيەسىگە زەربە بەرمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت).
1937-يىلى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، گومىنداڭ ئارمىيەسى كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى، ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى. «دۆلەت مۇنقەرز بولۇشتەك جىددىي پەيتتە، رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىزنىڭ 8- ئارمىيەگە ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەيدانىغا ئاتلىنىشىغا رەھبەرلىك قىلدى». دۆلەت قۇرۇشتىكى تۆھپىكار گېنىرال، پىڭشىڭگۇەندىكى زور غەلىبىنى باشتىن كەچۈرگۈچى ليۇ شىيۈەن ھايا ۋاقتىدا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، 115-شى خەلقنىڭ ئۈمىدىنى زىممىگە يۈكلەپ، جاسارەت ۋە غەيرەت بىلەن سەنشىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلاندى، دېدى. شۇ چاغدا 115-شى 343- لۈي 685-تۈەن 4-ليەننىڭ سىياسىي يېتەكچىسى ياڭ جياخۇا ھايات ۋاقتىدا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: پىڭشىڭگۇەندىكى زور غەلىبە 8-ئارمىيەنىڭ شىمالىي جۇڭگو ئالدىنقى سېپىدە قىلغان تۇنجى چوڭ غەلىبىلىك ئۇرۇشى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىن بۇيانقى تۇنجى زور غەلىبە بولۇپ، «ياپونىيە ئارمىيەسى يېڭىلمەس» دەيدىغان ئەپسانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كىشىلەر قەلبىنى ئۇرغۇتۇپ، ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى مۇقىم قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى