باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدىكى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ئۆزگىرىشلەر

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26-ئىيۇل» قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (3)

2017.08.02 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان، ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما تېخى ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئىلگىرى بېجىرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما بېجىرىلمىگەن نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات-مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي نەتىجىلەرنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، بەش يىلدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مىللەت خەلقنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى قالتىس بەش يىل. بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۈگۈنكى دۇنيا ۋە ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئەمەلىيەت تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، غايەت زور سىياسىي جاسارىتى ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت بۇرچى بىلەن بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ، پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، جاپادىن قورقماي يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم فاڭجېن- سىياسەتلەرنى جاكارلاپ، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر