باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش خىزمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىندى

زوراۋانلىققا ياتىدىغان يامان خاراكتېرلىك جىنايەت دېلولىرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.57 تۆۋەنلىدى

2017.08.01 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31- ئىيۇل، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2017- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش خىزمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىشىچە: مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىش خىزمىتىدە «يېڭى تىكلەنگەن ئاياغلاشقان ۋە ئاياغلاشمىغان دېلولار ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا كۆپىيىش» ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن، سوت قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش خىزمىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم داۋاملىشىشنى ساقلاپ كەلگەن، سوت قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى سوت مەھكىمىلىرى بىر تەرەپ قىلغان دېلولار 14 مىليون 586 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان دېلو ٪14.86 كۆپەيگەن، سەككىز مىليون 887 مىڭ دېلو ئاخىرلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دېلولارنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلۇش نىسبىتى %60.92غا يەتكەن. مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن 120 مىڭ نەپەر بەلگىلەنگەن سودىيە بار بولۇپ، بۇلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دېلو قوبۇل قىلىش سانى 121.4، كىشى بېشىغاتوغرا كېلىدىغان دېلو ئاخىرلاشتۇرۇش سانى 70 بولغان.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى خەن ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2017- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالتە سەييارە سوت كوللېگىيەسى 5821 دېلونى قوبۇل قىلغان ۋە 4162 دېلونى ئاياغلاشتۇرغان بولۇپ، تېخى ئاياغلاشمىغان دېلودىن 1659ى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە، سەييارە سوت كوللېگىيەسى يېڭىدىن قوبۇل قىلغان دېلولار ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يېڭىدىن قوبۇل قىلغان بارلىق دېلونىڭ %44.83نى ئىگىلىگەن، سوتلاپ ئاخىرلاشتۇرغان دېلولار ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بارلىق سوتلاپ ئاخىرلاشتۇرغان دېلولىرىنىڭ %43.38نى ئىگىلىگەن. بۇ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ %40تىن ئاشقان دېلولىرىنىڭ ھەرقايسى سەييارە سوت كوللېگىيەسى تەرىپىدىن بېجىرىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر