- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ يېڭى ئوقۇغۇچىلار توردا تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ
2017.08.01 15:15 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدىكى دۆلەت ئاچقان باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە يېڭى ئوقۇغۇچىلار توردا تىزىملىتىش باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ، ئاتا-ئانىلار 1-ئاۋغۇستتىن 10-ئاۋغۇست سائەت 20 گىچە توردا تىزىملاتسا بولىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 30-ئىيۇل تەڭرىتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، توردا تىزىملاتماقچى بولغانلار http://www.wlmqedu.gov.cn غا ياكى ئۈرۈمچى مائارىپ تورىغا كىرىپ تىزىملاتسا بولىدىكەن.
بۇ يىل باشلانغۇچ مەكتەپكە 2010-يىلى 1-سېنتەبىردىن 2011-يىلى 31-ئاۋغۇستقىچە بولغان مەزگىلدە تۇغۇلغان بالىلار تىزىملىنىدىغان بولۇپ، تەڭرىتاغ رايونىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە تەڭرىتاغ رايونىدىكى دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇس ياكى نوپۇسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بولمىغان، لېكىن تەڭرىتاغ رايونىدا تۇرىدىغان كۆچمە نوپۇسلار تىزىملاتسا بولىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر