- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كورلا بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تارماق بانكىسى تىجارەت باشلىدى
2017.08.01 15:14 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
كورلا بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى تارماق بانكىسى 31-ئىيۇل تىجارەت باشلىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بانكا «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش» دېگەن ئىدىيەنىڭ تۈرتكىسىدە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللايدىكەن. تىجارەت باشلىغان ئۈرۈمچى تارماق بانكىسى كورلا بانكىسىنىڭ باشقا جايدىكى تارماق ئاپپاراتى بولۇپ، ھازىرغىچە كورلا بانكىسىنىڭ بىر تارماق بانكىسى، 16 شۆبە بانكىسى ۋە بىر تىجارەت بۆلۈمى بار ئىكەن.
كورلا بانكىسى ئەسلىدىكى كورلا سودا بانكىسى بولۇپ، بۇلتۇر 9-ئايدا نامى كورلا بانكىسىغا ئۆزگەرتىلگەن، «يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىغا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا، ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش» نى ئاساسلىق نىشان قىلغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر