باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياڭ خۇەننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن پارتىيەدە قالدۇرۇپ ئىككى يىل كۆزىتىش ۋە مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى

2017.08.01 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ياڭ خۇەننىڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يولداش ياڭ خۇەننىڭ مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدىن ئايرىلغان؛ پاك ـ دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتقان. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىشى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشى ئارقىلىق، يولداش ياڭ خۇەننىڭگە پارتىيەدە قالدۇرۇپ ئىككى يىل كۆزىتىش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن ئۇنىڭغا مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىپ، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك بىرەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە چۈشۈردى؛ ئۇنىڭ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇردى؛ ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتى قايتۇرۇۋېلىندى. ئۇنىڭغا پارتىيەدە قالدۇرۇپ ئىككى يىل كۆزىتىش چارىسى بېرىلدى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندا سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر