خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈجېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زىياپەتكە قاتناشتى.
خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىغا رەڭگارەڭ پانۇس-چىراقلار ئېسىلغان بولۇپ، بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەن ئىدى. رەئىس سەھنىسىدىكى پەردىنىڭ مەركىزىگە «1-ئاۋغۇست» ئارمىيە بەلگىسى ئېسىلغان، ئىككى تەرەپكە قىپقىزىل ئون بايراق قاتار تىزىلغان ئىدى. «1927 - 2017» دېگەن چوڭ خەت جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 90 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىپ تۇراتتى. سائەت 18دە، شادىيانە «مەرھابا مۇزىكىسى» ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زىياپەت زالىغا كىرىپ، 1800دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مېھمان بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
زىياپەت باشلانغاندا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۈەن قەدەھ سۆزى قىلدى. ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسىر-ئەسكەرلىرى، زاپاس ھەربىيلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتى سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار، پېشقەدەم جەڭچىلەر، كەسىپ ئالماشتۇرغان، ھەربىيدىن چېكىنگەن يولداشلار، ئىنقىلابتا يارىلىنىپ مېيىپ بولغان ھەربىيلەر، شۇنداقلا ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، «1-ئاۋغۇست ئوردېنى»غا ئېرىشكەن يولداشلار، قىسىمدىكى قەھرىمان-نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان نەمۇنىچى كادىرلار ۋەكىللىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭۈل بۆلگەن، ئۇنى قوللىغان ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىغا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ زىياپەتكە قاتناشقان جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ھەم باشقا ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى