باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

تانكا قىسىمى: «قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى شاھى» «ئوق» شەكىللىك سەپ تۈزۈپ، قەھرىمانلىق بىلەن ئالغا باسماقتا

2017.07.31 16:20   مەنبە: خەلق تورى

تانكا قىسىمى: «قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى شاھى» «ئوق» شەكىللىك سەپ تۈزۈپ، قەھرىمانلىق بىلەن ئالغا باسماقتا

  30- ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پارات مۇراسىمىدا، A99 تىپلىق 22 دانە ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسىدىن تەشكىللەنگەن تانكا ئەترىتى «ئوق» شەكىللىك سەپ تۈزۈپ، «قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى شاھى»نىڭ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرلىشىگە سىمۋول قىلىندى.

  خۇددى 1999-يىلى، 2009-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت بايرىمىلىق ھەربىي پارات ۋە 2015-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن غەلىبە كۈنى ھەربىي پاراتقا ئوخشاشلا، يەنە بىر قېتىم تانكا ئەترىتىنىڭ سەركە تانكىسىنى ھەيدىگەن 42 ياشلىق باش سېرژانت دىڭ خۇي: «دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، A99 تىپلىق تانكا ئوت كۈچى، مېخانىكىلىق ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى، مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ۋە ئۇچۇر كۈچىنىڭ ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈلۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى جابدۇقلىرىنىڭ يېڭى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى»، دېدى.

  دىڭ خۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: A99 تىپلىق تانكىلار ئارمىيەمىزنىڭ ئەڭ ئىلغار ھەمدە تولۇق ئۇچۇرلاشقان ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسى بولۇپ، ئاساسلىقى تانكىغا قارشى قوراللارنى چەكلەپ تۇرۇش، يوقىتىش، دالا ئۇرۇشى ۋە مۇستەھكەم مۇداپىئە ئىستىھكامىنى ۋەيران قىلىپ، دۈشمەننىڭ جانلىق كۈچىنى يوقىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى
    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…
    ·تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى…
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟