باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونىنى ئاچتى

2017.07.20 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونلىرى010-66097980، 010-66096590، 7- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە ھەر كۈنى سائەت 8دىن 20گىچە ئېچىۋېتىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلقى قىزىق لىنىيەلىك تېلېفوندا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ چوڭ ئالاھىدىلىك بار ئىكەن: بىرىنچىسى، مۇلازىمەت ۋاقتى ئالدىغا سۈرۈلگەن ۋە ئۇزارتىلغان. مائارىپ مىنىستىرلىقى 2005- يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى يازلىق تەتىل ۋە ئوقۇش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە قىزىق لىنىيە تەسىس قىلىپ كەلگەن. بۇ يىل، مائارىپ مىنىستىرلىقى قىزىق لىنىيە تېلېفونىنى 25 كۈن بۇرۇن ئاچقان، مۇلازىمەت مۇددىتى ئەسلىدىكى بىر ئايدىن 52 كۈنگىچە ئۇزارتىلغان. ئىككىنچىسى، مەركەز قىزىق لىنىيەلىك تېلېفوننى تەسىس قىلىپلا قالماستىن، جايلار ۋە مەكتەپلەردىمۇ تەسىس قىلىش كېرەك. مائارىپ مىنىستىرلىقى قىزىق لىنىيەلىك تېلېفوننى ئېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلار ۋە ھەر قايسى مەركەز ئالىي مەكتەپلىرىدىمۇ قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ سورىغان ھەربىر مەسلىھەتىنى ياكى ئەرز شىكايىتىنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەسىلىنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىق تەلەپ قىلغان. ئۈچىنچىسى، قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون دەۋرىيلىك بولۇپ، ياردەم بېرىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشتا ۋاقىت چېكى يوق. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەلىك مۇلازىمەت خىزمىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە ياردەم بېرىش تارماقلىرى ئارقىلىق سىياسەتلەرنى سوراش ۋە مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىشقا بولىدۇ، ئالىي مەكتەپلەرگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار يەنە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى (تور ئادرېسى:) ۋە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈندىدار سالونى (ئۈندىدار نومۇرى: jybzzzx) ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىشقا بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ، مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونىنى تەسىس قىلىپ، دۆلەتنىڭ مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن غەم-قايغۇدىن خالاس قىلغانلىقى ھېسابلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر