باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن، ئامېرىكا رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن755 نى ئازايتىشى كېرەك دېدى

2017.07.31 14:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەرلەر قانىلى تور بېكىتىنىڭ 30-ئىيۇل رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئىلىپ بارغان مەخسۇس زىيارىتىنى ئېلان قىلدى. پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن 755 نى ئازايتىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئورگانلىرىنىڭ ئادەم سانى بىلەن تەڭلىشىدۇ.

  پۇتىن مەخسۇس زىيارەتتە مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئورگانلىرىدىكى 755 دىپلومات ياكى تېخنىك خادىم رۇسىيەدىن ئايرىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ قارشى تەرەپتە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئورگانلىرىنىڭ ئادەم سانى 455 كە ئازىيىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ يېقىندا رۇسىيەگە قاراتقان يېڭى جازاسىغا ھەر قانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىغا قارتا يولغا قويىدىغان ئىنكاس قايتۇرۇش تەدبىر كۆپ بولۇشى مۇمكىن، بىراق مېنىڭچە نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ باشقا جازالاش تەدبىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر