- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئارمىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىشى، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت زور كۈچ بىلەن قوللىشى كېرەك
2017.07.26 16:02 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئارمىيەنىڭ كۆلەم-قۇرۇلما ۋە كۈچ-ئىشتات ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋى ھەربىي كۈچ سىستېمىسىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش توغرىسىدا 42-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى بولۇپ، ئارمىيە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىشى، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاخمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە ۋە يەرلىكتىن ھالقىغان ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى بىر نىيەتتە ئورۇنداپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوللاپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ئەۋزەللىكنى ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان غايەت زور كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش سەي خۇڭشو بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى ھەم پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى ھەر قايسى يولداشلار ئۇنىڭ چۈشەندۈرىشىنى ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.
شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەنە بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 90 يىل بولىدۇ، بىز شۇ ۋەجىدىن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا بىر ئالاھىدە تېما ئورۇنلاشتۇردۇق. بۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە 3-قېتىم دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى تېما قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇلتۇر 7-ئايدا بىز ئارمىيەنىڭ رەھبەرلىك ۋە قوماندانلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چۆرىدەپ، «بويۇن ئۈستى» ئىسلاھاتىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق. بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشتە ئارمىيەنىڭ كۆلەم- قۇرۇلما ۋە كۈچ-ئىشتات ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ «بويۇن ئاستى» ئىسلاھاتىنىڭ ئەھۋالىنى، شۇنداقلا ئىسلاھاتتىن كېيىنكى ئارمىيەمىزنىڭ كۈچ سىستېمىسىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى ئىگىلەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر