باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالايلى» مەخسۇس تېمىسىدىكى تەتقىقات- مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى

يىغىنغا چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى

2017.07.31 12:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى 7- ئاينىڭ 30- كۈنى (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالايلى» مەخسۇس تېمىسىدىكى تەتقىقات- مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن- تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋاتقاندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالايلى» مەخسۇس تېمىسىدا تەتقىقات- مۇھاكىمە كۇرسى ئېچىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچىدىن، زور ئەھمىيىتىنى تونۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ھازىرقى خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ئىلمىي تەھلىل قىلىنىپ، بەش يىلدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر، كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى چوڭ سىياسەت- فاڭجېنلار ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، بىر قاتار يېڭى مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم كۆزقاراش، مۇھىم يەكۈن، مۇھىم تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى نەزەرىيە جەھەتتىكى يەنە بىر قېتىملىق ھالقىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەسىدىكى يەنە بىر مۇھىم نەتىجە، پارتىيەمىزنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا غەلىبىگە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن تولۇق ئىدىيە تەييارلىقى، سىياسىي تەييارلىق ۋە نەزەرىيە تەييارلىقى بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەھمىيىتى، نەزەرىيە ئەھمىيىتى، ئەمەلىي ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت يادرونى قوغداشنى باشتىن- ئاخىر ئەڭ زور سىياسىي دەپ بىلىپ، ئىدىيەدە قەتئىي تەۋرەنمەي يادرونى تونۇپ، سىياسىيدا يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يادروغا زىچ ئەگىشىش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، داۋاملىق ئەستايىدىل ئۆگىنىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالايلى» مەخسۇس تېمىسىدىكى تەتقىقات- مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ۋە 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- قېتىملىق يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، چىن ئېتىقاد، چىن ھېسسىيات، بۇرچ بىلەن ئۆگىنىپ، مېڭىمىزگە ۋە قەلبىمىزگە سىڭدۈرۈپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، كەڭ، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىگە، پارتىيە ۋە دۆلىتىمىزدە بەش يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلىتىمىزدە يۈز بەرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ھازىرلاش كېرەك.

  بەشىنچىدىن، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۇزاق مەزگىللىك زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش، رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، تۈپ خاراكتېرلىك، ئاساس خاراكتېرلىك، يىراق مەزگىللىككە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە كۈچەش كېرەك؛ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەش كېرەك؛ دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ چېگرانىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئارمىيە بىلەن خەلق، ساقچى بىلەن خەلق، چېگرادىكى خەلق بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىشنى يولغا قويۇپ، ئادەم، نەرسە، تېخنىكا جەھەتتىن مۇداپىئەلىنىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، مۇستەھكەم چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسى قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر قاتلامغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىنغا شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، پېڭ جيارۈي ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلەر قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر