باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 2- تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلدى

2017.07.31 11:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 2- تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 7- ئاينىڭ 29- كۈنى ئاپتونوم رايونغا 5- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە بولغان ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلدى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جۇ جيەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ۋاكالىتەن قايتما ئىنكاس قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

  جۇ جيەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە تەكشۈرۈپ، بىرلىكتە باھالاپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن بىر قىسىم ئاجىز ھالقىلارمۇ مەۋجۇت: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت سىستېمىسى مۇكەممەل ئەمەس، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇشقا، تۈزۈملەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى مۇكەممەل ئەمەس. قانۇن بويىچە ئامانلىقنى ساقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقى دېگەندەك تېز ئەمەس، قىسمەن ساھەلەردە قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش قىلىش مەسىلىسى بىرقەدەر گەۋدىلىك. پەۋقۇلئاددە ئېغىر ھادىسىلەرنى تىزگىنلەش خىزمىتى دېگەندەك پۇختا ئەمەس، قىسمەن ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىنى دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش- كونترول قىلىش ۋە خەۋپنى تەكشۈرۈش- تۈزەشتىن ئىبارەت قوش ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك ئەمەس. نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ساھەلەردە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقى يېتەرلىك ئەمەس، كۆمۈر كاننى قاتلام، دائىرە ھالقىپ قېزىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى ئاستا، شەھەر يىرىك پىلانى، يول مەمۇرىيىتى، ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلىمىگەن. بىخەتەرلىك ئۇل ئىقتىدار قۇرۇلۇشى بىر قەدەر ئاجىز، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە جىددىي قۇتقۇزۇش كۈچى ئاجىز، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ناچار خاتىرە «قارا تىزىملىك» تۈزۈمى ۋە سەمىمىيەت بىلەن بىرلىكتە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىكتە جازالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشى مۇكەممەل ئەمەس، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقات سالمىقى يېتەرلىك ئەمەس، ئاشكارىلاش ۋە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىكتە جازالاش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مۇنداق تەكلىپ بەردى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئۆگىنىش، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش؛ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش؛ پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق خىزمەت تارماقلىرى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرى تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ باھالاشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش؛ قانۇن ئۆلچىمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ ئېغىر، پەۋقۇلئاددە چوڭ ھادىسىنى مەنبەدىن توسۇش خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىش؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە جىددىي قۇتقۇزۇش باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناچار ئىناۋەت خاتىرىسى ۋە لەۋزىدە تۇرمىغان كارخانىلارنى بىرلىكتە جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتى 2- تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىندى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەر قاراتمىلىق كۆرسىتىلىپ، خىزمەتنى ياخشىلاش پىكرى ۋە تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كۈچلۈك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەندى. جايلار، تارماقلار گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە بولغان مۇھىم تۈرتكىلىك رولىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر، ئەڭ كۈچلۈك كاپالەت بىلەن، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى رەھبەر، ئىدارە، كونكرېت ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قىلچە يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن تۈزىتىشنى بىرمۇ بىر تەپسىلىيلەشتۈرۈشى، ئومۇميۈزلۈك ئۈزۈل- كېسىل چىڭ تۇتۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتى تەكشۈرگەن، قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىنىڭمۇ مۈجمەل بولۇپ قېلىشىغا، بىرىنىمۇ قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ، بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئېنىق جاۋابى بولۇش، ھەممىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەممە ئىش ئۆز جاۋابىنى تېپىشى كېرەك. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش، تۈزەشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا ئىشلەپ، ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. تۈزەش خىزمىتى بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تىرىشىپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، 7- ئاينىڭ 20- كۈنى ئېچىلغان مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان «بىر كونكرېت نىشان»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇددىتى تۆت ئايلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە چوڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، مۇقىم بولغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى ئارقىلىق پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ چاڭجيې، مۇتەللىپ قاسىم، جاۋ چىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ جيەنشىن، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتى 2- تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو شىنچىڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايوندا ئاساسىي يىغىن مەيدانى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايوندا تارماق يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى، ھەر دەرىجىلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر