باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خەت يېزىپ، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقنى تارقىتىۋېتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2017.07.31 14:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 30-ئىيۇل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بىلەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسىگە خەت يېزىپ، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ سۇرىيەدە ئىلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پۇقرالارنىڭ قازا قىلىشى ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ھەمدە بۇ ئىتتىپاقنى تارقىتىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

  سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خېتىدە مۇنداق دېيىلدى: خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇلغاندىن بۇيان، سۇرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇمىنى كۆپەيتىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. 2014- يىلى 9-ئايدا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر قۇرغان خەلقئارا ئىتتىپاق، سۇرىيە بىلەن ئىراق تەۋەسىدە ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ نىشانلىرىغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىنى كۆپەيتتى. سۇرىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتكە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھوقۇق بەرمىگەن دەپ ھېسابلىدى، ھەمدە ھاۋا ھۇجۇمى سۇرىيەلىك كۆپلىگەن پۇقرالارنىڭ قازا قىلىشى ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ ئەيىبلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر