باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ شى تارىخى سارىيىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

ئىنقىلابىي گېننى قان تومۇرغا سىڭدۈرۈپ، ئىنقىلابىي گېننى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرايلى

2017.07.31 12:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى ھارپىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ شى تارىخى سارىيىنى كۆزدىن كەچۈردى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «شانلىق تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ۋەزىيىتى يارىتىش − جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئاساسىي تېمىسىدىكى كۆرگەزمە»نى كۆرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شانلىق تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۈنۈم يارىتىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ جيەنمىن، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، ۋاڭ گويى، دۇ يۇڭياۋ، خەن بىڭچېڭ، غەيرەت ئۆمەر، جاۋ جىدەن، ليۇ لىنفۇ، قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ ھەر قايسى مەزگىلدىكى پېشقەدەم رەھبەرلىرى، قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋەكىللىرى كۆرگەزمىنى بىللە كۆردى.

  بۇ يىل شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقى، ئەسلىدە بۇ شى ليۇ جىدەن، شيې زىجاڭ، شى جۇڭشۈن قاتارلىق پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى شەنشى- گەنسۇ- نىڭشيا ئىنقىلابىي بازىسىدا قۇرغان قىزىل ئارمىيە قىسىمى ئىدى. شى تارىخى سارىيى كۆرگەزمىسىدە ۋاقىت ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، «شەنشى- گەنسۇ ئۇچقۇن قەھرىمان شى»سى قۇرۇش، «لەنجۇنى ئازاد قىلىپ جاھىل دۈشمەننى يوقىتىش»، «شىزاڭغا يۈرۈش قىلىپ خىزمەت كۆرسىتىش»، «شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش خەلق ئۈچۈن»، «قۇدرەتلىك قوشۇن سەپىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش» قاتارلىق كۆرگەزمە تۈرلىرى نۇقتىلىق لايىھەلىنىپ، 600 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت، 100 پارچىدىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە زور مىقداردىكى گىرافىك، رەسىم ئەسەرلىرى، مەنزىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئېلېكتىرونلۇق قۇم مودېل، سىن قىسقا فىلىمى قاتارلىقلار ئارقىلىق پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيە شىسى قۇرۇلغان 85 يىلدىن بۇيان بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپە، ئۇزاق ئىنقىلابىي كۈرەشتە ۋە قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىدە يېتىلدۈرگەن ۋە شەكىللەندۈرگەن ئىنقىلابىي گېن، شەرەپلىك ئەنئەنە، ئېسىل ئىستىل تولۇق نامايان قىلىندى.

  جۇڭگو ئىشچى- دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى شىمالىي شەنشى پارتىزانلار ئەترىتى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئارمىيە بايرىقى، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇشقا قاتناشقاندىكى دېھقانچىلىق سايمانلىرى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە قورشاۋنى بۆسۈپ چىققان قىممەتلىك سۈرەتلەر، قىسىم ئېرىشكەن مۇستەقىللىق ئوردېنى، ئەركىنلىك ئوردېنى، ئازادلىق ئوردېنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىزىل ئارمىيە شىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىكى سۈرەتلەر، سىنلار... سۈرەتلەر، گىرافىكلار، ئەمەلىي بۇيۇملار ئالدىدا، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار پات- پات توختاپ تەپسىلىي كۆرۈپ، خىزمەتچىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ھەربىي رايونى قىزىل ئارمىيە شىسىنى پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى قۇرغان بولۇپ، شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە، ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن قەھرىمان قىسىم. بىز پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسى، بۈيۈك نەتىجىلىرىنى مەڭگۈ ئېسىمىزدە ساقلاپ، پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئالىيجاناپ پەزىلىتىدىن مەڭگۈ ئۆگىنىپ، پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىپ، پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى مەڭگۈ جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو بارلىق ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىزىل ئارمىيە شىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي گېننى قان تومۇرىغا سىڭدۈرۈپ، ئىنقىلابىي گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىنى، ئىنقىلابىي گېنغا ۋارىسلىق قىلىشتا پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، بىردەك ئەگىشىپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، ئارمىيەنىڭ مۇتلەق سادىق بولۇش، مۇتلەق پاك بولۇش، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى، ئىنقىلابىي گېنغا ۋارىسلىق قىلىشتا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى كۆزلەپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنى مۇستەھكەملەپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇھىم ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، پولاتتەك ئېتىقاد، پولاتتەك ئەقىدە، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇشىنى، ئىنقىلابىي گېنغا ۋارىسلىق قىلىشتا، «ئۈچ قوشۇن»نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قاتتىق زەربە بېرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئارمىيە ۋە خەلق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىناق- ئىتتىپاق، باي- قۇدرەتلىك، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر