- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز
ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر خاركىن خابۇدكېرىم
2017.07.31 12:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە چوقۇم بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەسى قەتئىي ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىشى كېرەك.
مۇستەھكەم سىياسىي مەيداننى ساقلاش كېرەك. ھازىرقى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى كەسكىن، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر كۈرەش ۋەزىيىتىدە ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما باشتىن- ئاخىر كاللىسىنى سەگەك تۇتۇشى، چوقۇم قەتئىي تەۋرەنمەسلىكى، قىلچە مۈجمەللىك قىلماسلىقى كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە باشتىن- ئاخىر بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، تىلى بىلەن دىلى بىردەك، سۆز- ھەرىكەتتە ئوخشاش بولۇپ، باشتىن- ئاخىر تەۋرەنمەي، بوشاڭلىق قىلماي، ئىككىلەنمەي، شەكىلۋازلىق قىلماي، «ئۈچ خىل كۈچ»كە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز- ھەرىكەتلەرگە، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قەتئىي قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەك.
كۈچلۈك جاسارەت ۋە دادىللىقنى ساقلاش كېرەك. ھازىرقى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تولىمۇ كەسكىن بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار خەتەردە ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى؛ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىپىسى ئېغىر، بېسىم چوڭ بولۇۋاتقان ئەھۋالدا قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، دەۋرنىڭ «قەيسەر گىياھسى»، «ساپ ئالتۇنى» بولۇشى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى «بىرىكمە مۇشت»ىنى قەتئىي ياخشى ئېتىپ، زىددىيەتلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئادا قىلىپ، يۈرەكلىك ئىشلىشى كېرەك.
رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىر جاينىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، بىر جاينىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر جايدىكى ئاۋامغا بەخت يارىتىشتىكى ئاچقۇچ پارتىيەدە، ئادەمدە. رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي كۈچەيتىپ، مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى باشلامچىلىق رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؛ 1- مەسئۇللۇق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىڭ، ھەقىقىي، دائىم تۇتۇپ، قەتئىي بوشاشمىساقلا، ھەر مىللەت خەلق مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايدىغان پولات سېپىلنى قۇرۇپ چىقىپ، ۋەتىنىمىزنى پارچىلاشقا ئۇرۇنىدىغان بارلىق سۇيىقەستلەرنى بىتچىت قىلىپ، بارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى توسۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر