باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، جاسارىتىمىزنى نامايان قىلايلى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، ساداقىتىمىزنى بىلدۈرەيلى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر ئوبۇلقاسىم ئەمەت

2017.07.31 12:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەدىمدىن بۇيان قېرىنداشلاردەك ئېجىل- ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان، تومۇرداش بولغان چوڭقۇر دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى مۇقىم، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېز بولدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

  «ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت»، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پەيدا قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىغا زامىن بولۇپ، ئاممىنىڭ مال- مۈلكىگە زىيان سېلىپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ساددا، ئاق كۆڭۈل ئوبرازىغا داغ تەگكۈزدى؛ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلىدىغانلار چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»لەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز- بۇرۇن يالاشتى، ئۇلار ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول.

  «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلىدىغانلار مىللەتنىڭ مۇناپىقلىرى، دۆلەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، تارىخنىڭ جىنايەتچىلىرى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قەتئىي قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپت- بەشىرىسى پۈتۈنلەي ئاشكارىلاندى، ئۇلارنىڭ قارا نىيىتى خەلقىئالەمگە ئاشكارىلاندى، ئۇلار ھامان تارىخ تەرىپىدىن سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ، ھامان خەلق ئۇرۇشى دېڭىزىغا غەرق بولىدۇ.

  سىياسىي مەيدانىمىز ھەقىقىي مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ھەر ۋاقىت يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قەتئىي رىئايە قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە مەيدانىمىز مۇستەھكەم، بايرىقىمىز روشەن بولۇشى؛ سىياسىي سەزگۈرلۈكىمىز، سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  نىشان ئېڭىمىز قەتئىي مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم بولماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشانغا باشتىن- ئاخىر بويسۇنۇپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىمىز، خىزمەت ئورنى ئېڭىمىز، بازا ئېڭىمىز، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىش ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا ئۆز قەرەلىدە يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى ئۇل تاش. ھەر مىللەت ئامما بولۇپمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئوچۇق، كەڭ قورساق پوزىتسىيە بىلەن ياخشىلاپ، ئېجىل- ئىناق بىللە ياشاپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەپ، بىر ئائىلە قېرىنداشلىرىدەك ئۆتۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئەڭ پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

  مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكى ۋە مۇرەككەپلىكلىكىنى ئېنىق تونۇپ، نىشان بۇرچىمىزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆز خىزمەت ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەردىن، ئەتراپىمىزدىكى ئىشلاردىن باشلاپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئىز قالدۇرغۇدەك جاسارەت بىلەن ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  قەتئىي پوزىتسىيە بىلەن جاسارىتىمىزنى نامايان قىلىشىمىز، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ مۇقىملىقنى قوغدىشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»ئۈستىدىن جەزمەن غالىب كېلىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز بىلەن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىپ، «ئۈچ مەيدان كەسكىن جەڭ»نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى»دا چوقۇم غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر