باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى ۋە مۇزكىرە قىلىندى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2017.07.25 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى ئورۇنلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان ئىچكى-تاشقىي ۋەزىيەت ئالدىدا، جايلار، تارماقلار مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىساد مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلاندى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى، شەھەر-بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىم ئاشتى، مالىيە كىرىمى، كارخانا پايدىسى ۋە ئاھالىنىڭ كىرىمى خىلى تېز ئاشتى، سۈپەت ۋە ئۈنۈم يۇقىرىلىدى. مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۈرتكىلىك رولى داۋاملىق كۈچلۈك بولدى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش تېزلەشتى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى داۋاملىق ھەزىم قىلىندى، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان كەسىپلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى، ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ ئىچكى تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ياخشىلاندى. رايونلار ئارا ماسلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇشنىڭ ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيە چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مۇھىتنى تۈزەشتە يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلدى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى كۈنسايىن كىشىلەر قەلبىنى چوڭقۇر مايىل قىلدى، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ ھەرىكىتىدە ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۆزگىرىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بازار ئىشەنچىسىنىڭ تەدرىجىي ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا يەنىلا نۇرغۇن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ساقلانماقتا، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاق دەۋرىيلىكى ۋە قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك كۈچەش نۇقتىسىنى ساقلاپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى تۇتۇپ، زور خەۋپ-خەتەر ۋە يوشۇرۇن ئاپەتنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر